باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى: تۈركىيەنى ئۇرۇشقا سۆرەيدىغان قارارلارغا قارشى تۇرىمىز

2016.02.18 13:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى قەمەر قىلىچ داۋۇت ئوغلى تۈركىيەنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ھەرقانداق قارارغا قارشى تۇرغان ھەمدە زۇڭلى ئەھمەد داۋۇت ئوغلى يۈرگۈزگەن دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈركىيە توپچى ئەسكەرلىرى ئالدىنقى شەنبە كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مىناھ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەنتلەردىكى كۇرد قوغدىنىش كۈچىلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى توپقا تۇتقان، توپقا تۇتۇش يەكشەنبە كۈنىگىچە داۋاملاشقان. تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى بۇنىڭ سۈرىيەدىكى كۇرد دېموكراتىك ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە چېگرىسىغا تەھدىت سالغانلىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە مەزكۇر پارتىيەنىڭ ھەلەبنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بازىسىدىن ۋاز كېچىشىنى تەلەپ قىلغان. دېموكراتىك ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سالىھ مۇسلىم بۇنى رەت قىلغان.

  قىلىچ ئوغلى تىۋىتتېردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: داۋۇت ئوغلى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ ئۆز مەيدانىنى ئېنىق قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. خۇددى 2003-يىلى 1-مارتتىكىگە ئوخشاش (تۈركىيە پارلامېنتى ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ھەربىي لاگېرىغا كىرىش ئىلتىماسىنى رەت قىلغان)، بىز تۈركىيەنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان بارلىق قارارلارغا قارشى تۇرىمىز. مەيدانىنى ئېنىق قىلىشقا تېگىشلىكى تۈركىيەنىڭ مەنپەتىنى ئەمەس بەلكى دەل تۈركىيە زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ دىپلوماتىيە مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان داۋۇت ئوغلىنىڭ ئۆزى.

  قىلىچ داۋۇت ئوغلى ئۆزىنىڭ، سۈرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ پاجىئەسى ئارقىلىق سىياسىي سودا ئېلىپ بېرىشنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە مىللىي ھەركەت پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى دەۋلەت باخچېلى تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈرىيەگە قۇرۇقلۇقتىن ھەربىي ھەركەت قوللىنىش مۇمكىنچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ «تراگېدىيەنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ» دېگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر