باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، گۈزەل جۇڭگونىڭ قانۇن كاپالىتى بەرپا قىلىندى

2016.02.18 15:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇلتۇر 1-يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويۇلغان يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنى تارىختىكى ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنى دەپ ئاتالدى. بۇ ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر يىلدا، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بەك بوشاپ كېتىش ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىلىپ، ھۆكۈمەت، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  بۇ ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىدا، ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىت ئاسراش كادىرلارنى تەكشۈرۈش، باھالاش بىلەن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇلۇپ، بىر يۈرۈش ئىش بېجىرىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تەدبىرلىرى مەسىلىنىڭ مۇھىم تەرىپىگە بىۋاسىتە قارىتىلدى. بىر يىل ئىچىدە، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى 33 شەھەرنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، 15 شەھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش، سۆھبەتلىشىش، رايون بويىچە تەستىقلاشقا چەكلىمە قويۇش، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەتچىلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، بىر يۈرۈش گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرى ھەل قىلىندى.

  يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ كارخانىلارغا بولغان تەسىرىمۇ بەك زور بولدى. بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك مۇھىت ئاسراش تارماقلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن مۇھىت بۇلغاشقا چېتىشلىق جىنايى دېلو 1478 گە يەتتى، كۈن بويىچە جەرىمانە ھېسابلاش، پېچەتلەش، تۇتۇپ تۇرۇش قاتارلىق يېڭى قانۇن ئىجرا ۋاسىتىلىرى-جايلارنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىشتىكى ئۆتكۈر قورالىغا ئايلاندى. ئەڭ قاتتىق مۇھىت ئاسراش قانۇنىدىن باشقا، ئۇنىڭ بىلەن ئۆز ئارا تۇتاشتۇرۇلغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەشنىڭ يېڭى قانۇنىمۇ ئېلان قىلىندى، سۇ بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۇپراق بۇلغىنىشتىن ساقلىنىش، تۈزەش قانۇنى ۋە يادرو بىخەتەرلىك قانۇنىنى تۈزۈشمۇ پىلانغا كىرگۈزۈلدى، مۇھىت ئاسراش قانۇنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىنىڭ گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئارزۇسىغا مۇلازىمەت قىلماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر