باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«دولان قەبىلىسى» ئۆستۈرگەن بۆلجۈرگەنلەر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى

2016.02.18 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 4Aدەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى بولغان «دولان قەبىلىسى» نىڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىسىدا يېتىشتۈرۈلگەن قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر پىشىپ، شېرىن پۇرىقى ئەتراپقا تاراپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى.

  چاغان مەزگىلىدە ئاۋات ناھىيەسىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرى قويۇق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى. گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، «دولان قەبىلىسى» گە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. «دولان قەبىلىسى» ئۆستۈرگەن بۆلجۈرگەنلەر چاغانغا ئۈلگۈرۈپ پىشقاچقا، بۇ جايغا ساياھەتكە كەلگەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىسىدا قىزىرىپ پىشقان بۆلجۈرگەنلەرنى تېتىپ بېقىۋاتقان ئىدى. بۆلجۈرگەننىڭ شېرىن پۇرىقى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇراتتى.

  مۇخبىر: قەيەردىن كەلدىڭىز؟

  ساياھەتچى: مەن گۇاڭجۇدىن كەلدىم.

  مۇخبىر: نېمىشقا بۇ يەرگە كېلىشنى ئويلاپ قالدىڭىز؟

  ساياھەتچى: بۇ يەرنىڭ بۆلجۈرگىنىنى بەك تەملىك دەپ ئاڭلىغان، شۇڭا، ئارام ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تەبىئەتكە يېقىنلاشقىلى، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدىن ھۇزۇرلانغىلى كەلدىم. ۋايىغا يېتىپ پىشقان بۆلجۈرگەنلەرنى ئۈزۈپ ئائىلەمدىكىلەرگە، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا، دوست-يارەنلىرىمگە سوۋغا قىلىمەن.

  مۇخبىر: چاغاندا كۆپچىلىككە ئېيتىدىغان قانداق ياخشى تىلەكلىرىڭىز بار؟

  ساياھەتچى: كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلدا تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى، كۈنلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ئۆتۈشىنى، تېنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مۇخبىر: ياخشىمۇسىز ھەدە؟ سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟

  ساياھەتچى: مەن سىچۈەندىن تۇغقان يوقلىغىلى كەلگەن، تۇغقانلىرىم 4Aدەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى بولغان «دولان قەبىلىسى» ساياھەت نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ يەردە بۇنداق تەملىك بۆلجۈرگەنلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن. بۆلجۈرگەن ئۈزۈپ يېسە ئادەم يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

  «دولان قەبىلىسى» نىڭ بۆلجۈرگەن ئۈزۈش بازىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن ئىدى. ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆز قوللىرى بىلەن ئۈزگەن يېشىل يېمەكلىك بۆلجۈرگەنگە ئېغىز تېگىپ، تەبىئەت ئاتا قىلغان خۇشاللىقتىن ئورتاق ھۇزۇرلىنىپ، باھار بايرىمىنىڭ پەيزىگە چۆمگەن ئىدى. قىپقىزىل بۆلجۈرگەنلەر بىلەن لىق تولغان سېۋەتلەرنى كۆتۈرۈۋالغان ساياھەتچىلەر يانفونلىرىنى چىقىرىپ، سۈرەتكە تارتىپ خاتىرە قالدۇرىشاتتى.

  ئاقسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى گۈلنار تۇرسۇن مۇنداق دېدى: چاغاندا دوستلىرىم بىلەن بۇ يەرگە ئوينىغىلى كەلدىم. بۇ يەردىكى بۆلجۈرگەنلەر ھەم چوڭ ھەم يېيىشلىككەن. بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاپ قويدۇم. مەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئويناپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ چاغىنىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  «دولان قەبىلىسى» مەنزىرە رايونى بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە بۆلجۈرگەنلەرنىڭ سېتىلىشى ناھايىتى ياخشى بولدى. بىزنىڭ بۆلجۈرگەن ئۆستۈرۈش بازىمىزنىڭ كۆلىمى 2000 (ئىككى مىڭ) كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھەر كۈنى بۆلجۈرگەن ئۈزگىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ. ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يېرىم ھەسسە ئاشتى. بۆلجۈرگەندىن قىلغان كېرىم 7-8مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.

  «دولان قەبىلىسى» رايونى بازار ئېچىش تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تۈرلۈك يوللار ۋە تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلماقتا.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر