باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا ئىتتىپاقى: ئەنگلىيە بىلەن كېڭىششىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇلار ئىتتىپاقتىن ئايرىلمايدۇ

2016.02.18 13:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 16-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جانكېر: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن كېڭىشىدىغان <ب پىلانى> مەۋجۇت ئەمەس، چۈنكى ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلمايدۇ» دېگەن.

  16-فېۋرال جانكېر يەنە: «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئارقىلىق قارار قىلغۇمىز يوق» دېگەن. ئۇنىڭ بۇ پىكىرى ئەنگلىيەدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارنىڭ غەزىپىنى ۋە مەسخىرىسىنى قوزغىغان.

  ئۇ: «مۇبادا بىز ھازىر <ب پىلانىمىز> بارلىقىنى بىلدۈرسەك، ئۇنداقتا بۇنىڭ بېشارىتى مۇنداق: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنچىلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. بىزنىڭ <ب پىلانىمىز>يوق، ئەمما <ئا پىلانىمىز> بار. ئەنگلىيە ئىجابىي، ئاكتىپ دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەن.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشقا قايىل قىلىش ئۈچۈن كۆپلەپ دىپلوماتىك كېڭەش ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. بىراق تاراتقۇلارنىڭ جاكارلىشىچە، كامېرون پات يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىگە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلايدىغان كۈننى ئېلان قىلىدىكەن.

  ئەنگلىيە مۇستەقىللىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ناۋادا ئەتىلا ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش ئۆتكۈزۈلسە» ئەنگلىيەدىكى %49 خەلق ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشنى قوللايدىكەن، %41 خەلق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللايدىكەن، %10 خەلق تېخى قايسىنى قوللاش توغرىسىدا قارار چىقارماپتۇ.

  ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەگە تەقسىم قىلماقچى بولغان مۇساپىرلار سانى ئىكەن. ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ قانۇنىنى كونتىرول قىلامدۇ - يوق، دېگەن مەسىلىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدىكەن. بىرىنچى ئايدىكى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىپ قېلىشىنى قوللايدىغان ئاممىنىڭ سانى %54 تىن %49 كە تۆۋەنلىگەن، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللايدىغان ئاممىسىنىڭ سانى %36 تىن %41 كە ئۆرلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر