باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالما شىركىتى ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا تېلفۇن شىفىرلاشتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەشكە قارشى تۇردى

2016.02.18 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالما شىركىتى 17-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا كالىفونىيە شتاتىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىكى قاتىل ئېشلەتگەن تېلفۇننىڭ شىفىرلاشتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەشكە قارشى تۇردى، ھەمدە قانۇن ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بۇ ھۆكۈمنى بىكار قىلىدۇ. كالىفورنىيە شتاتى ئوتتۇرا رايۇنى فىدراتسىيە سوتچىسى شې لى پىموۋ 16-فېۋرال بىر ھۆكۈمنى قارار قىلدى، ئالما شىركىتىنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ بۇ قاتىل ئېشلەتكەن تېلفۇننىڭ شىفىرلاشتۇرۇلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كۇك 17-فېۋرال مۇنداق دېدى: سوتنىڭ ھۆكۈمى ھازىرقى دېلو ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن. كۇك مۇنداق قارايدۇ، بۇ ھۈكۈم ئالما شىركىتى شىفىرلاشتۇرۇش تېخنىكىغا « ئارقا ئىشىك » قۇرۇشنى تەلەپ قىلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالما شىركىتىدە بۇنداق « ئارقا ئىشىك » يوق، شۇڭا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىقتىدارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر