باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى كۆكتات باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە قارىتا ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە تەمىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ

2016.02.18 15:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى 16-فېۋرال ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بازار كۆزلەنمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. سودا مىنىستىرلىقى بازار ھەرىكىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى چېن پىڭ ھازىرقى مەملىكەت بويىچە كۆكتات باھاسىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق دېدى: بىز 36 چوڭ ۋە ئوتتۇرا شەھەردىكى 30 خىل كۆكتاتنى تەكشۈردۇق، كۆكتات باھاسى ئەمەلىيەتتە مۇنداق ئىككى جەھەتتىكى سەۋەبدىن ئۆسكەن.

  1. ھاۋا رايىنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ جەنۇبىي جۇڭگو تۆۋەن تېمپېراتۇرا،قار- يامغۇر، مۇز قېتىش قاتارلىق ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كۆكتاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.

  2.بايرام ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن بولغان. چاغان ئېلىمىزدە ئىستېمال ئاۋاتلىشىدىغان، ئىستېمالنىڭ مەركەزلىشىشى بازار باھاسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىغان مەزگىل. ھازىر ئېلىمىزنىڭ كۆكتات ئىستېمالى ئاۋات، ئىشلەپچىقىرىش سۇس پەسىل. سودا مىنىستىرلىقى ئوبوروتنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆكتات بازىرىنىڭ تەمىنات خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.توپ تارقىتىش بازىرى ۋە پارچە سېتىش كارخانىلىرىدىن ئىبارەت كۆپلىگەن تەرەپلەرنىڭ مال مەنبەسىنى تەشكىللىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بازار ئۇچۇرىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بازارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىپ، تىجارەت كارخانىلىرى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق بۇ خىل بازار كۆزلەنمىسىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر