باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئاشتى

2016.02.18 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سودا مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بۇ يىل 1-ئايدا ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغىنىڭ 12 مىليارد 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18.2 ئېشىپ، ياخشى باشلىنىش بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

  سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئېلىمىزنىڭ چەتئەلگە سالغان مەبلىغى داۋاملىق تېز ئاشتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغ كۆلىمى دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇنغا، ساقلانما مىقدارى دۇنيادا سەككىزىنچى ئورۇنغا ئۆتۈپ، مەبلەغ سېلىنغان دۆلەتلەرگە ئىش ئورنى ۋە باج كىرىمى كۆپەيتىپ بېرىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ياخشىلاپلا قالماستىن، بەلكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، تەڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ئىجابىي تۆھپە قوشماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر