باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگودىن رۇسىيىگە قاتنايدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك چېگرادىن ئۆتۈش يول تىرانسپورتى ئېچىلدى

2016.02.18 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو شىنجاڭ قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى بىلەن رۇسىيە فېدېراتسىيە تىرانسپورت مىنىستىرلىقى فېدېراتسىيە خامچوت ئىدارىسى ئاپتوموبىل تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ يىراق شەرق تارماق ئىدارىسى 16 - فېۋرال ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىم «جۇڭگو - رۇسىيە مال تىرانسپورتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى زېمىنىدىن ئۆتۈشتىكى ۋاقىتلىق چېگرادىن ئۆتۈش مال تىرانسپورتى ئىجازەتنامىسى»نى ئالماشتۇردى. بۇ، جۇڭگو - قازاقىستان - رۇسىيە كۆپ تەرەپلىمىلىك چېگرادىن ئۆتۈش يول تىرانسپورتىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ، شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم كۆپ تەرەپلىمىلىك چېگرادىن ئۆتۈش يول تىرانسپورتىنىڭ ئېچىلىشى بولۇپ، ياۋروپا يولىنى تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتى تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان خەلقئارا يول تىرانسپورتى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

  ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان جۇڭگو تەرەپ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو - قازاقىستان - رۇسىيە كۆپ تەرەپلىمىلىك چېگرادىن ئۆتۈش يول تىرانسپورتىنىڭ رەسمىي ئېچىلىشى شىنجاڭنىڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتىنى ياۋروپا يولى بىلەن تۇتاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھالقا، شىنجاڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتى تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خەلقئارا يول تىرانسپورتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر