باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى% 85كە يەتتى

2016.02.18 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  « 2015 ـ يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپەت دوكلاتى » دا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%85 كە يەتكەن.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2015-يىلىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 39 ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن75742 ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قانداق بولغان؟ يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە تۈزگەن « 2015 ـ يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپەت دوكلاتى » (قىسقارتىلىپ « دوكلات »دېيىلىدۇ) دا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى85 %كە يەتكەن، جەمئىي 28 ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%85تىن ئېشىپ، 11 ئالىي مەكتەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى% 85كە يېتەلمىگەن.ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى%88.57 بولغان.

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015 ـ يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى88.57% بولۇپ، 2014 - يىلىدىكى نىسبەت بىلەن تەڭلەشكەن. ھەرقايسى ئوقۇش تارىخى قاتلىمىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىدىن قارىغاندا، دوكتورلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ماگىستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان. بۇلار ئىچىدە، مەخسۇس كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 89.54%، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 88.34%، ماگىستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 82.98%، دوكتورلىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى 90.07% بولغان.

  2015ـ يىلى قايسى كەسىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىستىقبالى ياخشى بولدى؟ « دوكلات » تا كۆرسىتىلىشىچە، تولۇق كۇرستىكى كەسىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، سۇ مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى كەسپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 100 كە يېتىپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، بىئو قۇرۇلۇشى تۈرىدىكى كەسپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى95.83% بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى جەھەتتە 2 - ئورۇندا تۇرغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى95.15% بولغان يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈرىدىكى كەسپلەر 3 - ئورۇندا تۇرغان ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى جەھەتتە 4 - ئورۇندىن 10 - ئورۇنغىچە تۇرىدىغىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئېلېكتر ئۇچۇر كەسپى، ماشىنسازلىق كەسپى، ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى كەسپى، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك كەسپى، ئۆلچەش - سىزىش كەسپى، سودا - سانائەت باشقۇرۇش كەسپلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى بىردەك % 90 تىن يۇقىرى بولغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر