جاڭ چۈنشيەن « قىزىلتاغ » تەنتەربىيە سارىيىدا شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى نەق مەيداندىن كۆرۈپ، مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى تېرىنىر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016 ـ يىللىق مۇسابىقە پەسلى جۇڭگو ئەرلەر كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسى، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدىكى تۇنجى مۇسابىقە « قىزىلتاغ » تەنتەربىيە سارىيىدا باشلىنىپ، ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون كوماندا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. ك پ مەركىزىي كومىتىتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئالايىتەن بۇ يەرگە كېلىپ، ئىككى كوماندىغا ئىلھام بەردى.
شىنجاڭ كوماندىسى دائىملىق مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا پۈتۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى ئورۇندىكى نەتىجە بىلەن پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىسىگە كىرگەندىن كىيىن، ئىككى كۈن ئىلگىرىكى تۇنجى مۇسابىقىدە چېمپىيون كوماندا بېيجىڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلغانىدى. بۈگۈنكى ئۆز مەيدانىدىكى تۇنجى قېتىملىق مۇسابىقە ناھايىتى مۇھىم ئىدى.
مۇسابىقە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جاڭ چۈنشيەن توپ مەيدانىنىڭ مەركىزىگە كىلىپ، شىنجاڭ كوماندىسىدىكى تېرىنىر ۋە تەنھەرىكەتچىلەرنى يوقلىدى، كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، پىكىر ئالماشتۇردى.
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى:«بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە ئۈچۈن ئىلھام ۋە مەدەت بەرگىلى كەلدىم. تېرنىر يېتەكچىلىككە ماھىر، توپچىلار تېخنىكىغا پىششىق، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، مۇسابىقىدە ناھايىتى كۈچلۈك شان - شەرەپ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭلىقلارنىڭ روھىي خىسلىتىنى جارى قىلدۇردى، ھەممەيلەن شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوغلانى.»
جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى:« شىنجاڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى شىنجاڭ ئوبرازىنىڭ ۋەكىلى، يېڭىش بەك مۇھىم ئەمەس، لېكىن شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى كوللېكتىپ روھى، جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا موھتاج. شىنجاڭ شۇنداق بىر خىل روھىي قىياپەتكە موھتاج، كۆپچىلىكنىڭ ئىپادىسى شىنجاڭ روھىنى نامايان قىلدى، شىنجاڭ ئىتتىپاقلىشىشقا موھتاج، كۆپچىلىك شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلىدى. بۈگۈنكى مۇسابىقە ناھايىتى جىددىي ھەم كەسكىن بولدى، ھەر بىر نومۇرغا ئېرىشكەن ۋاقىت دەل كۆپچىلىك ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقان ۋاقىت بولدى. شىنجاڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىتتىپاقلىشىشقا، جان تىكىپ ئېلىشىشقا موھتاج، مەن ماھىرلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغانلىقىدىن بەكمۇ پەخىرلەندىم، ماھىرلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىدىن پەخىرلەندىم، شىنجاڭ ئۈچۈن تېخىمۇ بەك پەخىرلەندىم. بىز بۇ روھنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، شىنجاڭنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.»
ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، مۇتەللىپ قاسىم، تيەن ۋېن يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى