باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانداق تاۋارلارنى قايتۇرۇشقا بولمايدۇ؟ تالاش-تارتىش يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟

توردا سېتىۋالغان مالنى قايتۇرۇشنىڭ ئاۋارىچىلىقلىقى توغرىسىدا سودا-سانائەت باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەدبىر كۆرسەتتى

2016.02.18 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «توردا سېتىۋالغان تاۋارلارنى يەتتە كۈنگىچە سەۋەبسىز قايتۇرۇش كۆرسەتمىسى» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى. «كۆرسەتمە»دە تاۋارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تاۋارلارنىڭ دائىرىسى بېكىتىلدى. «ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش قانۇنى»دا ئىستېمالچىلارنىڭ زاكاز قىلغان تاۋار، تىرىك، ئاسان چىرىيدىغان تاۋار قاتارلىق تۆت تۈرلۈك تاۋارنى سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاۋارنىڭ باشقا خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئىستېمالچىلار سېتىۋالغاندا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بېكىتكەن تاۋارلارنىڭ سەۋەبسىز قايتۇرۇلمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

  «كۆرسەتمە»دە تاۋارنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە، ئىستېمالچىلار سېتىۋېلىپ يەتتە كۈن ئىچىدە سەۋەبسىز قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تۆت تۈرلۈك تاۋار بېكىتىلدى: تاۋارنىڭ ئورالمىسىنى ئاچقاندىن كېيىن جىسمانىي بىخەتەرلىك ياكى ھاياتلىق، ساغلاملىق سەۋەبلىرى بىلەن قايتۇرۇشقا بولمايدىغان تاۋارلار، يېمەكلىك، دورا، ساغلاملىق بويۇمى، پەرداز بويۇمى، بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان بويۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ قوزغاتقاندىن كېيىن ياكى سىناپ ئىشلەتكەندىن كېيىن قىممىتى تۆۋەنلەيدىغان نىسبەتەن قىممەت تاۋارلار، ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقى بېرىلگەن ياكى قوزغاتقان يانفون، كومپيۇتېر، رەقەملىك مەھسۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ پۇلىنى تۆلەپ بولغان پۇل تولۇقلاش تۈرىدىكى تاۋارلار، يانفون قىممەت تولۇقلاش كارتىسى، ئويۇن قىممەت تولۇقلاش كارتىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئەرزان باھادا سېتىلغان بېسىلىپ قالغان تاۋارلار، سۈپەت مۇددىتى توشۇپ قالغان تاۋار، ئورالمىسى يىرتىلىپ كەتكەن ياكى نۇقسانلىق تاۋار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «كۆرسەتمە»دە يەنە تاۋارنىڭ بېجىرىم بولۇش مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمى بېكىتىلدى. بەزى تىجارەتچىلەر تاۋارنىڭ بېجىرىم بولۇشىنىلا تەلەپ قىلماستىن يەنە تاۋارنىڭ ئورالمىسىنىڭمۇ بېجىرىم بولۇشىنى ھەتتا تاۋارنى ئېچىشقا، سىناپ ئىشلىتىشكە بولماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆستۈردى. شۇڭا، «كۆرسەتمە»دە ئادەتتىكى «تاۋارنىڭ بېجىرىم بولۇش»ىنى تاۋارنىڭ ئۆزى، دېتالى ۋە قوشۇمچە ساختىلىقتىن ساقلىنىش بەلگىسى، تاۋار ماركىسى، تاۋارنىڭ لاياقەت گۇۋاھنامىسى، ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى قاتارلىقلار تولۇق بولۇش دەپ بېكىتىلدى. قىممەت تولۇقلاش كارتىسى(بېلىتى) تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ بېجىرىملىقى كارتا(بىلەت) ئىچىدىكى قىممەتنىڭ ئازلىماسلىقى دەپ بېكىتىلدى. شۇنداقلا ئىستېمالچىلارنىڭ تەكشۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تاۋارنىڭ ئورالمىسىنى ئېچىش ياكى تاۋارنىڭ سۈپىتى، فۇنكسىيەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق دەرىجىدە سىناپ ئىشلىتىشنىڭ تاۋارنىڭ بېجىرىملىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقى بېكىتىلدى.

  «كۆرسەتمە»دە يەتتە كۈننى ھېسابلاش ئۇسۇلى تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ، يەتتە كۈننىڭ ئىستېمالچى تاۋارنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدىغانلىقى بېكىتىلدى. ئارىدا ئەڭ ئاخىرقى كۈن قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسا، بايرام-دەم ئېلىش ئاخىرلاشقان كۈننىڭ ئەتىسى ئەڭ ئاخىرقى كۈن قىلىپ ھېسابلىنىدۇ، ئىستېمالچىلار مۇشۇ ئارىدا قايتۇرىدىغان مالنى يوللىۋېتىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر