خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ۋەلىجان جاپپار خەۋىرى، فوتوسى) 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ يىغىن زالىدا جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پەرزەنت تەربىيەلەشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن ياپونىيەدە ئوقۇپ كەلگەن، ياپونىيە مائارىپى بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش، پىسخىكا جەھەتتىكى ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى، دۆلەتلىك پىسخىك تەربىيەچىسى، مائارىپچى، ماگىستىر ئاسپىرانتى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە ئوقۇتقۇچى مەڭنىساخان مەمەت 14 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك، ئوقۇشتىن زېرىكىش، كەيپىياتتىكى تۇراقسىزلىق، يالغان گەپ قىلىش، تورغا خۇمار بولۇپ قېلىش، يالغۇزلۇقنى خالاش، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلمەسلىك، قاتارلىق جەھەتلەردە، ياش-ئۆسمۈرلەرگە پىسخىكا ۋە روھى جەھەتتىن ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلىدى. لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا ياش-ئۆسمۈرلەر بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى