باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئۇدا بەش يىل شەرقىي رايوندىن تىز بولدى

2016.02.18 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئوتتۇرا غەربىي رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى ئۇدا بەش يىل شەرقىي رايوندىن تىز بولدى، رايون تەرەققىياتىنىڭ نىسبىي پەرقى تەدرىجىي كىچىكلىدى. رايون پەرقىنىڭ يەنىمۇ چوڭىيىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى.

  12-بەش يىللىق پىلاندىن بۇيان، بىر تۈركۈم يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش قۇتۇپى شەكىللەندى. دۆلەت جۇجياڭ-شىجاڭ ئىقتىساد بەلبېغى،ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىقتىساد رايونى، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىق رايون پىلانى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنى ، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، چېڭدۇ –چۇڭچىڭ، خاربىن –چاڭچۈن قاتارلىق شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. بىر تۈركۈم ئىقتىساد رايونى ۋە يېڭى ئېشىش قۇتۇپلىرى تىزدىن شەكىللىنىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم تېرەكلىك كۈچكە ئايلاندى. رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى ، ئېشىش بەلبېغى ۋە ئېشىش نۇقتىسى جەنۇبتىن شىمالغا ، شەرقتىن غەربكە ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشتەك يېڭى ۋەزىيەت كۆرۈلۈشكە باشلىدى. كونا ،مىللىي، چېگرا ، نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. بىر بەلۋاغ بىر يول، بېيجىڭ تيەنجىن خېبىينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيە نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. نۇقتىلىق رايونلارنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن ئاجىز رايونلارنى چىڭ تۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تەرەققىيات بەلبېغىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىشتۈرۈشنى بىرىكتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ. رايون ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇتۇپى ، ئېشىش بەلبېغى، ئېشىش نۇقتىسىنى داۋاملىق كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز ياقىسى، دەريا بويى، ئاساسلىق قاتناش غول لىنىيىسى بويىغا جايلىشىشىغا تايىنىپ،ئەركىن سودا سىناق رايونى ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى رايون ۋە ئاۋىئاتسىيە مەركىزىگە يېقىن ئىقتىساد ۋە كەسىپ بىلەن شەھەرلەرنى بىرىكتۈرۈش، كەسىپنىڭ يۆتكىلىشىنى قوبۇل قىلىش، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىدار سەھنىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر