- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋسترىيە بىلەن بالقان رايونىدىكى تۆت دۆلەت مۇساپىرلارنى بىرلىشىپ تىزىملاشقا قوشۇلدى
2016.02.22 08:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋسترىيە بىلەن بالقان رايونىدىكى تۆت دۆلەت 18- فېۋرال، ماكېدونىيە بىلەن گىرېتسىيە چېگرىسىدە غەربىي ياۋروپادىن كەلگەن مۇساپىرلارنى تىزىملاشقا ۋە كىملىك بېجىرىشكە قوشۇلدى.
ئاۋسترىيە، سىلوۋېنىيە، كىرودىيە، سېربىيە ۋە ماكېدونىيەدىن ئىبارەت بەش دۆلەتنىڭ ساقچى تەرەپنىڭ مەسئۇللىرى شۇ كۈنى كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگېرىپتا يىغىن ئۆتكۈزدى. يىغىندا ئىمزالانغان بىر تۈرلۈك كېلىشىمگە ئاساسەن، بەش دۆلەت ماكېدونىيە چېگراسىدا سۇرىيە، ئافغانىستان، ئىراق قاتارلىق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇساپىرلارنى بېكىتىشكە، بۇ مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن ئۆتىشىگە يول قويۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاتناش قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ مۇساپىرلارنى ماكېدونىيەدىن ئاۋسترىيەگە بىۋاسىتە يۆتكەشكە قوشۇلدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر