باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەر خېتى بېجى، تىجارەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تەڭشىلىدۇ

2016.02.22 09:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 22-فېۋرالدىن باشلاپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆي مۈلۈك سودا ھالقىسىدىكى يەر خېتى بېجى، تىجارەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەڭشەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەر خېتى بېجى جەھەتتە، شەخسلەر بىردىن بىر ئولتۇرۇش ئۈچۈن سېتىۋالغان 90 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك ئۆيلەردىن %1لىك باج نىسبىتى بويىچە ئۆي خېتى بېجى ئېلىنىدۇ؛ 90 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ بولسا %1.5لىك باج نىسبىتى بويىچە ئۆي خېتى بېجى ئېلىنىدۇ. شەخسلەر ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېتىۋالغان 2- يۈرۈش ئۆيىدىن 90 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولسا %1لىك باج نىسبىتى بويىچە ئۆي خېتى بېجى ئېلىنىدۇ، 90 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ بولسا %2لىك باج نىسبىتى بويىچە ئۆي خېتى بېجى ئېلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئولتۇراق شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېتىۋالغان 2-يۈرۈش ئۆي- ھازىر ئولتۇرىدىغان ئۆيى بولۇپ تۇرۇقلۇق يەنە سېتىۋالغان 2-ئۆينى كۆرسىتىدۇ.

  تىجارەت بېجى جەھەتتە، شەخسلەر ئۆي سېتىۋالغان ۋاقتى 2 يىلغا توشماي تۇرۇپ، سىرتقا ساتقان ئۆيلەردىن تولۇق سومما بويىچە تىجارەت بېجى ئېلىنىدۇ. شەخسلەرنىڭ ئۆي سېتىۋالغان ۋاقتى 2 يىلدىن ئېشىپ ، بۇ ئۆينى سىرتقا ساتقان بولسا، تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئالاھىدە بەلگىلەندى: بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن شەھەرلىرى ئۇقتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن ئولتۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سېتىۋالغان 2-يۈرۈش ئۆيلەردىن ئۆي خېتى بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە تىجارەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ۋاقتىنچە يولغا قويمايدۇ، شەخسلەر تۇرالغۇ ئۆيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تىجارەت بېجى سىياسىتى يەنىلا ھازىرقى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر