باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەللىك زاتلار شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىگە ئىجابىي باھا بەردى

2016.02.22 08:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدا پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكىرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇنىڭ سۆزى چەتئەللەردە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەللىك مۇتەخەسسىس ئالىملار، تاراتقۇ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار: جۇڭگو رەھبىرىنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكىرى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى يېڭىچە تاراتقۇ گۇرۇھى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى سۆز قىلىش ھوقۇقىنى كۈچەيتكىلى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىغا كەڭ ئورتاق تونۇشلارنى مۇجەسسەملەپ، كۈچلۈك ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلغىلى بولىدۇ دەپ ھېسابلىدى.

  رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقاتخانىسى سىياسىي تەتقىقات ۋە مۆلچەرلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شى جىنپىڭ تاراتقۇ خىزمىتىنىڭ ئۇسۇلىغا قارىتا قاراتمىلىق يېڭى مۇھىم تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاخبارات تاراتقۇسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۆلىنىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، تەسىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى.

  ئامېرىكا دېنۋېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئامېرىكا-جۇڭگو ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى، "بۈگۈنكى زامان جۇڭگو'ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاۋ سۈيشېڭ مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا قويغان يېڭى تەلىپى ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىش، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىش، دۆلەت ئىچى بىلەن سىرتنى تۇتاشتۇرۇش، دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاشتىن ئىبارەت ئۇسۇلىنى قوللايمەن. كەسىپلەشكەن قوشۇنغا تايانغاندىلا خەلق گېزىتى ياخشى جۇڭگو ھېكايىسىنى يارىتالايدۇ.

  ئەرەب مىسىر تورىنىڭ باش مۇھەررىرى ئادىل سەبرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تاراتقۇلىرى خەلقئارا سەھنىلەردە توختىماي سادا چىقىرىۋاتىدۇ، بۇ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق خادىملار ۋە كۈچنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن، ئاخباراتنىڭ قانۇنىيىتىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تۇرۇشلۇق دۆلەت نۇقتىسىدىن جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ھېكايىسىنى ياخشى يېزىش جەھەتلەردە گەۋدىلەنمەكتە.

  كورېيە چاۋشيەن گېزىتخانىسى شەرقىي شىمالىي ئاسىيا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى چى خەيفەن مۇنداق دېدى: كورېيەنىڭ تاراتقۇ خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشكەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. چى خەيفەن شى جىنپىڭ بىلەن چىشى كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ۋىدىئودا پاراڭلاشقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: بۇ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن رەھبەرلەرنىڭ خەلقپەرۋەرلىك ئىستىلىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر