باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باشقىلارنىڭ كىرېدىت كارتىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان ئايجامال قانۇننىڭ جازاسىغا تارتىلدى

2016.02.19 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئابدۇراخمان ئەمەت خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىر قېتىملىق كىرېدىت كارتا ئالدامچىلىق دېلوسىغا سوت ئېچىپ قانۇن بويىچە جىنايى جازا ھۆكۈم قىلدى .

  جاۋابكار ئايجامال ئېزىز بانكا ئامانلىق خادىمى بولۇپ، 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 4:30ئەتراپىدا، ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك بانكىسىدىكى خىزمەت ئورنىدا ئىشلەۋاتقاندا، زىيانلانغۇچى يۈسۈپ تۇرسۇن پۇل ئېلىش ئۈچۈن بانكا تىجارەت زالىغا كەلگەن، ھەمدە جاۋابكار ئايجامال ئېزىزغا بانكا كارتىسىنى بېرىپ، كارتىدىن 2مىڭ يۈەن ئېلىپ بېرىشنى دەپ كارتىنىڭ مەخپىي نومۇرىنى ئېيتىپ بەرگەن. جاۋابكار ئايجامال ئېزىز ئاپتوماتىك پۇل چىقىرىش ماشىنىسىدىن يۈسۈپ تۇرسۇنغا 2مىڭ يۈەن ئېلىپ بېرىپ، ئۆزى بانكا ئىچىدىن تېپىۋالغان باشقا بىر ئامانەت كارتىسىنى يۈسۈپ تۇرسۇنغا بېرىپ يۈسۈپ تۇرسۇننىڭ كارتىسىنى ئۆزى ئېلىپ قالغان. ھەمدە يۈسۈپ تۇرسۇننىڭ بانكا كارتىسىدىكى 19مىڭ يۈەن پۇلنى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 10قېتىمدا ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسى ئارقىلىق چىقىرىپ ئېلىپ خەجلەپ تۈگەتكەن. دېلو پاش بولغاندىن كىيىن جاۋابكارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر زىيانلانغۇچى مەمەت ئۆمەرنىڭ 19مىڭ يۈەن ئىقتىسادى زىيىنىنى قايتۇرۇپ بەرگەن .

  ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇر دېلوغا ئۇچۇق سوت ئېچىپ جاۋابكار ئايجامال ئېزىزغا كىرېدىت ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 9ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 20000يۈەن شىتىراپ قۇيۇش جازاسى ھۆكۈم قىلدى .

  (كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر