باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

شەھەر پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

2016.02.22 13:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن يېقىندا «شەھەر پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، شەھەر پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، باش نىشانى ۋە ئاساسىي پرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى ۋە يەتتە جەھەتتىن شەھەر پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر»دە شەھەر پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شەھەرلەرنى تەرتىپلىك قۇرۇش، مۇۋاپىق ئېچىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياساشقا باب كېلىدىغان، مول ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۆزگىچە زامانىۋى شەھەرلەرنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  «پىكىر»دە شەھەر پىلانى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شەھەر پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، پىلانلاپ تۈزۈش ۋە تەستىقلاپ باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىش كېرەك. پىلانلاشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، جىددىيلىقى ۋە سىجىللىقىنى كۈچەيتىپ، بىر نىشاننى ئاخىرغىچە ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەھەر پىلانى ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر ئومۇمىي پىلانى بىلەن يەر ئىشلىتىش ئومۇمىي پىلانىنىڭ ئۇدۇللىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىككىسىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پىلاننى قانۇن بويىچە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پىلاننىڭ مەجبۇرىيلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پىلانغا خىلاپلىق قىلغان قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. بەش يىل ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇلۇش پۈتكەن رايونلاردىكى قانۇنسىز سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭىدىن قانۇنسىز قۇرۇلۇش سېلىشنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر