باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كامېرون ئەنگىلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ 6-ئايدا ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2016.02.22 12:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون 20-فېۋرال، ئەنگىلىيەدە 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگىلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قالامدۇ يوق، دېگەن مەسىلىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كامېرون شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىچكى كابېنت يىغىنىدىن كېيىن بۇ قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يىغىندىن كېيىن تاراتقۇلارغا، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويغاندا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمېتىنىڭ ئاۋامغا ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىشىنى قوللاش تەكلىپى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كامېرون، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قالغاندا، ئەنگىلىيەنىڭ «تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ باياشات» بولىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەنگىلىيە ئىقتىسادى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كامېرون 22-فېۋرال ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا نوتۇق سۆزلەپ، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش تەرتىپىنى رەسمىي باشلايدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر