باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق شىنجاڭ ئەتىيازلىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

خىزمەتچى تەكلىپ قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ يېرىمى ئازايدى

2016.02.22 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق شىنجاڭ تۇنجى مەيدان چوڭ كۆلەمدىكى ئەتىيازلىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى 20- فېۋرال شىنجاڭ خەلقئارالىق يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. شۇ كۈنى جەمئىي 15 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئىزدىگۈچى ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىملىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا جۇڭگو سەنشيا گۇرۇھى، يېشىللىق پاي كونتىرول قىلىش گۇرۇھى، گۇاڭخۇي گۇرۇھى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى 200 كارخانا قاتناشتى. 20 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، تەسىس قىلىنغان خىزمەت ئورنى تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپ خىل بولدى، ئەمما بۇلتۇرقى 352 كارخانا تەمىنلىگەن 53 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كارخانا ۋە تەكلىپ قىلىنىدىغان ئىش ئورنىنىڭ سانى يېرىم ھەسسە كېمەيدى. بۇ يىلقى تۇنجى مەيدان ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى يەنە تۇنجى قېتىم زور بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىش ئىزدەپ كېلىشكە جەلىپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016 - يىللىق شىنجاڭ ئەتىيازلىق ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. تۇنجى مەيدان 2- ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاخىرلاشقان. 2- مەيدان ۋە 3 - مەيدان ئالماشتۇرۇش يىغىنى 2- ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ۋە 3-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 6-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 4 - نومۇرلۇق ۋە 5 ـ نومۇرلۇق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر