باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش مەبلىغى 420 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

2016.02.22 13:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2015 ـ يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە سودىگەر چاقىرىش ۋە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن نەقلەشكەن مەبلەغ ( نېفىت، چەت ئەل مەبلىغىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 426 مىليارد 941مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن % 4.05 ئاشقان.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىجات ئىسمائىل تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : 2015 - يىلى، بارغانسېرى ئېشىۋاتقان ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش سىستېمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە كەسىپ زەنجىرىنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سودىگەر چاقىرىش ۋە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن نەقلەشكەن مەبلەغ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمەلىيلەشكەن سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش رايون سىرتىدىكى تۈر3271 گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 7.60%ئاشتى.

  2015- يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش تەرەققىيات ئىدارىسى توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسپى، جابدۇقچىلىق، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق كەسىپلەرنى زىچ چۆرىدەپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى تىرىشپ يېتىلدۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر