باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، WCBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى

شۆھرەت زاكىر ئۆز مەيداندا مۇسابىقىنى كۆردى

2016.02.22 13:34   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، WCBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015- 2016 – يىللىق مۇسابىقە مەزگىلى جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)نىڭ شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدان مۇسابىقىسى 20 – فېۋرال كەچتە شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭ «ۋوجياڭ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 80گە قارشى 96 نومۇر بىلەن گۇاڭدۇڭ ماركىپولو ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنى يەڭدى، شۇنداقلا نۆلگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى تولۇق مەغلۇپ قىلىپ، WCBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىپ، كوماندا قۇرۇلغان تۇنجى يىلدىلا WCBA ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشتەك مۆجىزە ياراتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر مەخسۇس شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىگە كېلىپ مۇسابىقە كۆرۈپ، شىنجاڭ كوماندىسىغا مەدەت ۋە ئىلھام بەردى.مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شۆھرەت زاكىر شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرى ۋە تىرېنېرلار بىلەن بىر – بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: «قۇرۇلغانلىقىغا بىر يىل بولغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى (WCBA)دا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشى ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇنى ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېلىشىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ مانا مۇشۇنداق ئىتتىپاقلىشىش، جان تىكىپ ئېلىشىش روھىغا موھتاج، شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭلىقلارنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىپ، شىنجاڭ روھىنى گەۋدىلەندۈردى، سىلەر ئېرىشكەن نەتىجە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا بولۇپ، ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭغا تېخىمۇ كۆپ شان – شەرەپ كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى شۆجۈن، تىيەن ۋىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…