خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-فېۋرال بېلگىيە پايتەختى بېريۇسېلغا جايلاشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باش شىتابىدا، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
30 سائەت كېچە كۈندۈز توختىماي ئېلىپ بېرىلغان مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق، ئەنگىلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى 19-فېۋرال كەچتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىسلاھ قىلىش كېلىشىمىدە بىرلىككە كەلدى. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسك باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئىسلاھات لايىھەسىدە بىرلىككە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. كامېرون: «ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئەنگىلىيەگە <ئالاھىدە ئورۇن> بېرىدىغان كېلىشىمدە بىرلىككە كېلىندى، مەن 20-فېۋرال ئەنگىلىيە ئىچكى كابېنتىغا كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىنى سۇنىمەن»، دېدى. ئۇ يەنە ئەنگىلىيەنىڭ ياۋروپادىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت» بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى