باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ناتوغرا ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 125نى ئىسمىنى ئاتاپ مەلۇم قىلدى

2016.02.22 09:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 18-فېۋرال ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى تەرز يەتكۈزگەن ناتوغرا ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىدىن 125نى ئىسمىنى ئاتاپ مەلۇم قىلدى.

  بۇ قېتىم مەلۇم قىلىنغان مەسىلىلەر ئاساسلىقى خىيانەتچىلىك ، پارىخورلۇق، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كوللېكتىپنىڭ مەبلىغىنى كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش ۋە ئىشلىتىۋېلىش، دۆلەتنىڭ مەخسۇس مەبلىغىنى ساختىلىق بىلەن ئالداپ ئېلىۋېلىش، ئاممىنىڭ تەلىپىگە پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرۇش، تاپان ھەققى ئېلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىكەن.

  18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىل ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشتەك ناتوغرا ئېسىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي رەتكە سېلىپ ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش، تاماق كارتىسى ئېلىش، خىيانەتچىلىك قىلىپ باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ساختا مەلۇم قىلىش، كۆز بويامچىلىق قىلىش،چۆنتىكىگە سېلىۋېلىش، ئىسراپچىلىق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر