باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما چاۋشيەننى جازالاش لايىھەسىنى ئىمزالىدى

2016.02.22 08:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاق ساراي 18-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ كۈنى چاۋشيەنگە تېخىمۇ قاتتىق جازانى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

  12-فېۋرال، ئامېرىكا پارلامېنتى 408 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 2 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشتەك نەتىجە بىلەن بۇ قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى. قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ چوڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قۇراللار، ھەربىي قۇرال ياراق، ھەشەم بۇيۇملىرى، توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە چاۋشيەن بىلەن ئالاقىسى بار شەخسلەر ياكى ئەمەلىي گەۋدىلەرنى جازالاش، جازالاش ۋاستىسى مال مۈلۈكىنى توڭلىتىش، چېگرادىن كىرىشنى مەنئى قىلىش ۋە ھۆكۈمەت بىلەن ئىمزالىغان توختامىنى بىكار قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان. قانۇن لايىھەسىدە يەنە ھۆكۈمەتكە بۇندىن كىيىنكى بەش يىلدا چاۋشيەنگە قارىتىلغان تاراتقۇلارنىڭ چىقىمى ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەر يىلى 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاجرىتىشىغا ھوقۇق بېرىلدى.

  ئاۋام پالاتاسى ئۆتكەن ئايدا چاۋشيەننى جازالاش مەقسەت قىلىنغان بۇنىڭغا ئوخشاش بىر لايىھەنى ماقۇللىدى، بىراق كېڭەش پالاتاسى ئۇندىن كىيىن بۇ لايىھەگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تور بىخەتەرلىكى، چاۋشيەننىڭ تاراتقۇلىرىغا قارىتىلغان چىقىم ۋە مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق يېڭى ماددىلارنى كۆپەيتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر