باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆت مىڭ ئوقۇغۇچىنى ياردەم بەرگەن جايلارغا ئەۋەتىپ تەربىيەلەيدۇ

2016.02.22 08:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش مەخسۇس ھەرىكىتى پىلانىنى داۋاملىق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن تۆت مىڭ ئوقۇغۇچىنى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلقى پىلاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارخانىلارغا، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، تېخنىكا ماھارىتى، بىلىم ماھارىتى ۋە بىرىكمە ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى نىشان، يېڭى بىلىم، يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى بويىچە، كارخانا ئىشلەپچىقىرىش 1-سېپىدىكى 500 ماھارەت ئىختىساسلىق خادىمىنى شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە قاراتمىلىق تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ياخشى ئاساس سالىدىكەن.

  شىنجاڭ ئىگىلىك تىكلەشكە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى جەھەتتە، شارائىتى بار جايلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش فوندى تەسىس قىلىشىغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، فوند تەسىس قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، جايلارنى مۇلازىمەت تۈزۈمى، مۇلازىمەت ئۇسۇلى، چارىسىدە تېخىمۇ يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەيدىكەن. شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش بوشلۇقى تەسىس قىلىشىنى قوللاپ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئالماشتۇرۇش مۇلازىمەت سەھنىسى ھازىرلاپ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر