ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بۈگۈن قۇمۇل ۋىلايىتى رەسمىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى ئەڭ ياش شەھەر بارلىققا كەلدى. بۇ، شىنجاڭدا تۇرپاندىن كېيىن ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ تەسىس قىلىنغان ئىككىنچى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
چۈشتىن بۇرۇن ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەندىكى ئالاقىدار رەھبەرلەرنى باشلاپ قۇمۇلغا كېلىپ، ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغانلىقىنى جاكارلاش يىغىنىغا قاتناشتى.
يىغىندا جاڭ چۈنشيەن: قۇمۇل ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ۋىلايەت دەرىجىلىك قۇمۇل شەھىرى رەسمىي تەسىس قىلىندى! دەپ جاكارلىدى.
قۇمۇل يىپەك يولىنىڭ شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولۇپ، شىنجاڭنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان دەرۋازا، ئېلىمىزنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئاساسلىق قۇرۇقلۇق يولى. «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشىگە ئەگىشىپ، قۇمۇل يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە رولى كۈنسايىن گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ يىل 1 - ئايدا، گوۋۇيۈەن قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، نەچچە مىڭ يىل گۈللەنگەن يىپەك يولى قايتىدىن يېڭىچە تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.
يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان قۇمۇل شەھىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە ئىچىدىكى قۇمۇل شەھىرى(ناھىيە دەرىجىلىك) ئېۋىرغول رايونىغا ئۆزگەرتىلدى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسى بىلەن باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تەشكىلىي تۈزۈلمىسى ئۆزگەرمەيدۇ. دۆلەتنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەرنىڭ سانائەت تەرەققىياتى، شەھەر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇ، قۇمۇل شەھىرىنى شىنجاڭدىكى قوشۇمچە مەركىزىي شەھەر، 1 - دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى ۋە يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش ئاساسىي جەڭ مەيدانى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر تەسىس قىلىنغانلىقى مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي پىلانى ۋە قۇمۇلنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ؛ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى بولۇپ، قۇمۇلنىڭ يېپيېڭى تارىخىي باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىش قۇمۇلنىڭ مەمۇرىي ئاپپاراتى ۋە رەھبەرلىك شەكلىدىكى زور ئىسلاھات. ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايوننىڭ مۇھىم ئېشىشى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈپ، مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىپ، «ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىيدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئۈلگىلىك ۋىلايەت» بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىي جاۋابىنى ئوقۇدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ئارمىيە ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ما شۆجۈن، نىجات سۇلتان، بەي جىجيې، سەلىمجان سەيدۇللا، ئابلىز نىياز قاتارلىقلار قاتناشتى.
قۇمۇل − ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئېچىش ئەڭ بۇرۇن يولغا قويۇلغان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى، 10 مىڭ يىل ئىلگىرى ئىنسانلار ياشىغان جاي بولۇپ، بايلىقى مول، قاتنىشى قولايلىق، گۈللەنگەن جايلارنىڭ بىرى. ھازىر، قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 620 مىڭغا يېقىن بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلەيدۇ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش نىسبىتى %60 تىن ئاشىدۇ، قۇمۇل ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكتىر دەۋرى، ئوقسىمان پويىز دەۋرى، پورتنى يىل بويى ئېچىۋېتىش دەۋرىگە ئومۇميۈزلۈك قەدەم قويۇپ، يېڭىچە ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە، يېڭىچە جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭىچە ماتېرىيال پىششىقلاش، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ نەتىجىلەر ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شەھەر تەسىس قىلىشنى تۈرلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.