باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مائارىپ

بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك

2016.02.18 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان « ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئالاھىدە مائارىپ بايلىق دەرسخانىسى قۇرۇش قوللانمىسى» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئادەتتە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك. بەش ئادەمگە توشمىغاندا، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ بايلىق دەرسخانىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ رايۇندىكى ھەممە سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بايلىق دەرسخانىسى سىنىپقا ئەگىشىپ ئوقۇيدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە باشقا ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە مائارىپ كەسپى مۇلازىمەتى بىلەن تەمىنلەيدىغان سورۇن بولىدۇ، ئۈگىنىش، مەشىق، بايلىقنى باھالاش ۋە ئىشخانا كۈتۈۋېلىش قاتارلىق ئاساسىي رايوننى تەسىس قىلىش كېرەك. ئالاھىدە مائارىپ مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئارخىپ تۇرغۇزۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ھازىرلانغان؛ ئېلىپ بېرىلىدىغان پەننىي بىلىمنى ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىجتىمائىي ماسلىشىش مەشىق ئېلىپ بېرىش؛ ئاساسىي ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق ئېلىپ بېرىش؛ قوللاش خاراكتېرلىك مائارىپ مۇھىت ۋە شارائىت بىلەن تەمىنلەش؛ ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئاتا–ئانىلىرى ۋە ئالاقىدار مەھەللە خىزمەتچىلىرىنى تەربىيىلەش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  بايلىق دەرسخانىسى تۇراقلىق مەخسۇس ئورنى بولۇشى كېرەك، ئادەتتە ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىنى تاللايدۇ، ئورنى جىمجىت، كىرىپ-چىقىشىغا قولايلىق. ئۇنىڭ كۆلىمى 60 كۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر بىر نەچچە ئېغىز ئۆي بولسا، بىللە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چاغدا ھەر كۈنى مەكتەپتىكى ياكى رايون ئىچىدىكى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئېچىۋېتىشى كېرەك.

  ئالاھىدە مائارىپ بايلىق سىنىپى مېيىپ بالىلار ئۆسمۈرلەر ئادەتتىكى مەكتەپلەردە سىنىپتا ئوقۇيدىغان خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان مۇھىم تىرەك. ئېلىمىزنىڭ ئالاھىدە مائارىپ بايلىق دەرسخانا خىزمىتىنىڭ ئاساسى ئاجىز، ساقلانغان سانى ئىنتايىن كەمچىل، سەپلەنگەن ئۈسكۈنە ناچار، بايلىق ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل ۋە بايلىق دەرسخانىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش يېتەرلىك بولمىغان قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر