باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇگاندانىڭ زۇڭتۇڭى مەزكۇر دۆلەت سايلىمىنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ دېدى

2016.02.18 13:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەرقىي ئافرىقىدىكى ئۇگاندادا پات يېقىندا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى 16- فېۋرال مۇنداق دېدى، بۇ دۆلەتتە تىنچ، زوراۋانلىق بولمىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. مۇسېۋېنى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى، سايلامدا قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان ھەر قانداق ئادەم قاتتىق جازالىنىدۇ. چوڭ سايلامنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇگاندانىڭ پايتەختى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدى ئېلىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كۈچى، ھەربىي قىسىم ۋە قوراللىق ساقچىلارنىڭ چارلىشى كۆپەيتىلىدى. مۇسېۋېنى سۆز قىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئۇگاندا ساقچىلىرى بىلەن ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنى قوللىغۇچىلار پايتەخت شەھەر مەركىزىدە توقۇنۇشۇپ قېلىپ، بىر كىشى قازا قىلدى، نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر