- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى: زىكا ۋىرۇسى رىئو دې ژانېيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ
2016.02.18 13:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بىرازىلىيەنىڭ سەھىيە مىنىستىرى كاستىرو 16- فېۋرال ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەم ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلارغا ھازىر كۆرۈلگەن زىكا ۋىرۇسىنىڭ رىئو دې ژانېيرو ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزمەيدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى. كاستىرو باش ئەلچىلەرگە مۇشۇ ئاينىڭ 13- كۈنى باشلانغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى پاشا يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، بۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە نەچچە يۈز مىڭ ئامما قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىندى، مەقسەت كېسەل تارقاتقۇچى ۋاسىتە ۋە ئىدىس پاشىسىنىڭ كۆپىيىش مىقدارىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپرەك ئازايتىپ، زىكا ۋىرۇسى تارقىلىشىنى كونترول قىلىش. كاستىرو يەنە مۇنداق دېدى، كەلگۈسى نەچچە ھەپتىدە يەنە نەچچە مىليون ئائىلىگە كىرىپ، پاشا كۆپىيىشى مۇمكىن بولغان جايلار تازىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر