خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «مەملىكەتلىك 13 ـ نۆۋەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ»تەسىرىدە، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپى كەينى-كەينىدىن شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك بازىرىغا كۆز تىكىپ، بىرلىشىپ شىنجاڭنىڭ قار ـ مۇز ساياھىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مايمۇن يىلى چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 700% ئاشقان.
سۈرەتتە: 15-فېۋرال، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، جېجياڭدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇ جىۋېي ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە مىللىي چالغۇ دومبۇرا تاللىماقتا، جۇ جىۋېينىڭ دېيىشىچە، ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرى تەتىلدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭغا كېلىپ چاغان ئۆتكۈزگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مايمۇن يىلى چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكى مەزگىلىدە ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا 700% ئاشقان.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى