باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئاز دېگەندە «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ 100 ئەزاسىنى ئۆلتۈردى

2016.02.16 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەتتە شەرقىي دەير ئەز زەۋر ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئاز دېگەندە ئەسەبىي تەشكىلات«شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ 100 ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقى ھەربىي تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسى دەير ئەز زەۋر ئۆلكىسىغا جايلاشقان نەچچە « شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تايانچ پونكىتىنى ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. شۇنداقلا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى يەر يۈزىدە« شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن قوراللىق ئۆز ئارا ئېتىشقان. ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكىتىدە، « شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ كۆپ جايدىكى ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەير ئەز زەۋر ئۆلكىسى يېزا رايونلىرىدا 14 -فېۋرال 100 دىن ئارتۇق« شام ئىسلام دۆلىتى» ئۆلتۈرگەن پۇقرالارنىڭ جەسىتى بايقالغان.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر