باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈندىداردا ئارتۇق سوممىدا نەق پۇل ئېلىشتىن %0.1 رەسمىيەت ھەققى ئېلىنماقچى

2016.02.16 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېڭشۈن شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈندىدار پۇل تۆلەش سىستېمىسى رەسمىيەت ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى تەڭشەلگەن، پۇل يۆتكەشتىن ھەق ئالماسلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، پۇل ئالغاندا سوممىسى مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان قىسمىدىن بانكا رەسمىيەت نىسبىتى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدىكەن، ھەربىر قېتىملىقتا ئاز بولغاندا 0.1 يۈەن ئېلىنىدىكەن.

  ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا، ئۈندىدار تەرەپ ئۈندىدار پۇل تۆلىگۈچ ئىشلەتكەنلەردىن ھەق ئالماقچى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. يۇقارقى بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈندىداردىكى ھەربىر ئىشلەتكۈچى ھەر ئايدا 20 مىڭ يۈەنلىك رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدىغان پۇل يۆتكەش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن %0.1 لىك ئۆلچەم بويىچە مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ. پۇل يۆتكىگەندە پۇل تاپشۇرۇۋالغۇچى تەرەپ ۋە سومما چېكىدىن ئېشىپ كەتمىگەن پۇل يۆتكىگۈچى تەرەپ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ئۈندىدار قىزىل بولاق قاتارلىق ئىقتىدارلار ھەق يىغىش دائىرىسىدە ئەمەس ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر