باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باتۇر قىز-نازىنە(1)

2016.02.16 16:20   مەنبە: خەلق تورى

باتۇر قىز-نازىنە(1)

  تىرىشچان، ساخاۋەتچى، ھەم باتۇر قىز- نازىنە باتۇرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا

  (زىيارەت خاتىرىسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى) مەن بۇندىن 12 يىل ئىلگىرى نازىنە ئىسىملىك بۇ قىزنىڭ باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە يۇقۇرلىقى بىلەن ئەليۇلئەلالىق دەرىجىسىگە يەتكەنلىك توغرىسىدا تارقالغان گەپ-سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغانىدىم. 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، يېقىنقى بىر قانچە يىل مابەينىدە بۇ قىز توغرىسىدا مەيلى كەسپ جەھەتتە بولسۇن، مەيلى ساخاۋەت يولىدا بولسۇن، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، يەنە ئاڭلاپ مەندە تېخىمۇ بۇ قىزنى زىيارەت قىلىش ئىستىكى قوزغالدى. مەن يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان بۇ قىزنىڭ خىزمەت ئورنىنى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن سۈرۈشتە قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى كورلا ماياك ئىللىقلىق فوندى جەمىيىتىگە باردىم. نازىنە بۇ ۋاقىتتا ئەترەتتىكى پىدائىيلار بىلەن ئىللقلىق يەتكۈزۈش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىكەن، مەن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە دەخلى قىلىپ قويماي باشقا ۋاقىتتا كېلەي دىگەن نىيەتتە ئارقامغا قاراپ ماڭدىم. چىقىش ئېغىزىغا كېلىشىم بىلەن ئارقامدىن بىر پىدائىي قىز شۇنداق ئەدەپلىك بىلەن: بىرەرسىنى ئىزدەپ كەلگەنمىتىڭىز ئاكا دەپ قىزغىنلىق بىلەن سالام بەردى. مەن نازىنە ئىسىملىك بىر قىزنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىمنى ئۇ قىزغا ئېيتقاندىن كېيىن مەن چاقىرىپ قوياي دەپلا كىرىپ كەتتى، ھالال ئۆتمەيلا نازىنە دىگەن بۇ قىز شۇنداق ئالدىراش ئىشىنى قوپ قويۇپ مەن بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، مېنىڭ زىيارىتىمنى كەمتەرلىك بىلەن قوبۇل قىلدى. نازىنە باتۇر روزى 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كورلا شەھىرىدە يازغۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. باشلانغۇچ مەكتەپنى كورلا شەھەرلىك 8-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان، كىچىكىدىنلا ئۆگىنىشتە تىرىشچان بولۇپ، مەكتەپنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەريىلى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»،«ئىلغار سىنىپ ھەيئىتى» بولۇپ باھالانغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، تولۇق ئوتتۇرىغا قوبۇل قىلىنىش ئىمتىھانىدا يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ، 2007-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە قوبۇل قىلىنغان. 2010-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ پىداگوكىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل فاكۇلتېتى خەنزۇتىلى كەسپىگە ئۆتكەن، تۆت يىللىق ئوقۇش تارىخىدا ئۆز كەسپىنى پىششىق ئىگەللەپ، ئەلا نەتىجە بىلەن 2014-يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن.

  2007-يىلى مەرھۇم دادىسى شائىر، تەرجىمان، يازغۇچىمىز باتۇر روزى ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلاپ يازغان مەرسىيەسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن.نازىنە باتۇرنىڭ بىر تۈركۈم ئىجادىيەتلىرى «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«تەڭرىتاغ ژۇرنىلى»،«كروران ژۇرنىلى» قاتارلىق نەشرىي ئەپكارلاردا ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن تارتىپ نازىنە ئىزچىل يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

  تولۇقسىز چاغلىرىدا ئۇنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئوقۇتقۇچىسى نازىنەدە چەتئەل تىلى ئۆگىنىش جەھەتتە مەلۇم يوشۇرۇن ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە يېتەكلىگەن بولۇپ، نازىنەمۇ ئىنگىلىز تىلىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن،بۇ خىل قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇ 2005-يىلى تولۇقسىز 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا، كورلا شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن «ئۇلتاش تىل تەربىيلەش مەركىزى» بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «ئۇلتاش لوڭقىسى» ئىنگىلىزتىلى نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1-دەرىجە بولۇپ باھالىنىپ، ئۇلتاش لوڭقىسىغا ئېرىشكەن. ئارقىدىنلا مەملىكەتلىك 3-قېتىملىق ئىنگىلىز تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كورلا شەھىرى بويىچە 1-دەرىجىگە، بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە 2-دەرىجىگە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 3-دەرىجىگە ئېرىشىپ، پايتەختتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە مەملىكەت بويىچە 500 مىڭ ئۆسمۈر ئىچىدىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە 1206 نەپەر ماھىر تاللانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن ئۈچ ئۆسمۈر ماھىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان، نازىنە بۇ قېتىمقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە «مۇنەۋۋەر ماھىر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.2014-يىلى 6-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، نازىنە خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە قوشۇمچە تەرجىمانلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ. تا ھازىرغا قەدەر ھېكايە، شېئىر، ئىلمىي ماقالە، نەسىر قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى 500 پارچىگە يېقىن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەرجىمە جەھەتتە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە. ئۇ شېئىرىي ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ، يېقىندا نەشىردىن چىققان «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدا نازىنەنىڭ يەتتە پارچە شېئىرى ئېلان قىلىندى.

  2015-يىلى 1-ئايدا، ئۇ ھەر ساھە ياشلىرىنى تەشكىللەپ، جەمئىيەتكە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ۋە يېتىم-يېسىر، مېيىپ، ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىپ كورلا شەھىرىدە «ماياك ئىللىقلىق فوندى كورلا تارماق ئەترىتى»نى قۇرۇپ چىقتى، بۇ ئەترەتتە ھازىر 50 كە يېقىن ئەزا بولۇپ، ئۇلار بىر يىلدىن بۇيان يالغۇز قالغان ياشانغانلارنىڭ ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، كېسىلى بىر قەدەر ئېغىر بولغان بىمارلارغا ئىقتسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش، مېيىپ بالىلارنى بېقىش ئورنىنىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، قەرەللىك ھالدا ھەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ مېيىپ بالىلارنى بېقىش ئورنىدىكى بالىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە ئۇلارغا جەمئىيەتنىڭ غەمخورلىقىنى يەتكۈزۈش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرىنى چەت يېزا-قىشلاقلارغىچە ئېلىپ بېرىش...قاتارلىق ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە توختىماستىن ئالغا ئىلگىرىلەش روھى بىلەن ئەتراپىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇپ ، ئاكتىپ ئېنىرگىيە تارقىتىپ كەلدى ۋە ياشلارنى ئۈمىدۋار بولۇشقا، ئۆزىگە ئىشىنىشكە، باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشقا چاقىردى. نازىنە ئۆزى باش بولۇپ، خىزمەتتىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەرنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ قايسى جەھەتتە قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سوراپ تۇردى ۋە ئۇلارغا مەنىۋى جەھەتتىنمۇ كۆپ تەسەللىيلەرنى بەردى. ئەترەتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپالارغا باش ئەگمەي، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەترەت خىزمەتلىرىنى ئۆتەپ، ئەترەتتىكى بارلىق ئەزالارنىڭ قوللىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.نازىنە گەرچە كىچىك چېغىدىلا دادا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان، ئائىلىنىڭ يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس ئىرادىسى بىلەن ئىسمى جىسمىغا لايىق «نازىنە باتۇر» بولۇپ ياشاپ كەلدى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە قەيسەر روھى بىلەن ئەتراپىدىكى يېقىنلىرىنىڭ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ، خىزمەتداشلىرىنىڭ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتى. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەت ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق،ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، باسقان ھەربىر قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سۈرەتتە: نازىنە باتۇر، ۋە ئۇنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرى

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى ئالىي مەكتەپلەرنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرى…
      ·2016 -يىلى  يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 10مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ 
      ·شاڭخەي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ  پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشى شەرت قىلىندى
      ·ئوقۇتقۇچى مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك