باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملايدىغان سۇپا ئاچتى

2016.02.15 13:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە: ج خ مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ قۇرغان قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملايدىغان سۇپا ( تور ئادرېسى: ecidcwc.mps.gov.cn )، يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتى ھەمدە ئالدى بىلەن «e ئىجارە گۆھىرى» ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك شىركىتىنىڭ قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا ئېچىۋېتىلدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ مەبلەغ سالغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى تىزىملىتىشىغا قولايلىق بۇلۇشى، مەبلەغ سالغۇچى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئالاقىلىشى قولايلىق بۇلۇشى، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى دېلو بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېزدىن دېلو پاكىتىنى ۋە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، دېلوغا چېتىشلىق مال مۈلۈكنى قانۇن بويىچە بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىش، مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قوغداش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش دېلوسىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تىزىملايدىغان سۇپا تەشكىللەپ قۇرۇپ چىقتى. بۇ سۇپا سالاھىيىتى ۋە مەبلەغ ئۇچۇرلىرى تىزىملاش، تىزىملاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۇچۇر ئېلان قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

  دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت سۈرئىتىنى كېچىكتۈرمەي، ئۆزىگە ۋە باشقا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق–مەنپەئەتىگە تەسر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بەرگەن تەكلىپىدە«e ئىجارە گۆھىرى»دېلوسىدا مەبلىغىنى قايتۇرۇۋېلالمىغان مەبلەغ سالغۇچى تىزىملاش مۇددەت ئىچىدە ۋاقتىدا تىزىملاشنى تەۋسىيە قىلدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر