باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «پىكىر» ئېلان قىلدى

يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك

2016.02.15 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇھىم مەسئۇلىيىتى، ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئائىلە نازارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئۆيىدە قېلىش ئەھۋالىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقى، تەربىيەلىنىشى قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئائىلە نازارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، سىرتقا ئىشلەمچىلىككە كەتكەن ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئائىلە ۋەسىيىنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىدىغان كونكېرت تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ناھىيە، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە يېزا ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى(كوچا ئىش باشقارمىسى) ۋە يېزا ئاھالىلەر كومىتېتلىرىدىن يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ئاساسلىق ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەشنى تەلەپ قىلىپ، ئائىلە ۋەسىيىنى نازارەت قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مائارىپ تارماقلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ ئۆگىنىش، تەربىيەلەش، پىسخىكا ساغلاملىقى، تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئېلىش، بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش جەھەتلەردىكى مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلار بىرلەشمىسى، كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلەش خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق گۇرۇپپا، تەشكىلاتلاردىن ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى مېھرىبانلىق مۇلازىمىتى بىلەن ئاڭلىق تەمىنلەشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. بەشىنچى، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئىجتىمائىي خىزمەت مۇلازىمىتى ئاپپاراتى، جامائەت پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت تىپىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات، پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنى مەخسۇس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللاش كېرەك؛ ئىجتىمائىي تەشكىلات، خەير-ساخاۋەت كارخانىلىرىنىڭ يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر