باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا «چارە» ئېلان قىلىپ، زايوم بازىرى سودىسىنىڭ سۇبيېكتىنى كېڭەيتتى

بانكىلار ئارا زايوم بازىرى تۇنجى قېتىم شەخسكە ئېچىۋېتىلدى

2016.02.16 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زايوم بازىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىۋاسىتە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا «مەملىكەت بويىچە بانكىلار ئارا زايوم بازىرى پوكەي كەسپىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پوكەي كەسپىدىكى بارلىق زايوم تۈرى ۋە سودا تۈرىگە مەبلەغ سېلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

  ئىلگىرى ئاممىغا بىۋاسىتە ئېچىۋېتىلمەيدىغان بانكىلار ئارا زايوم بازىرى ئاخىرى شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىكىنى ئېچىۋەتتى. بۇ چارە شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ بانكا پوكىيىدە زايوملارنى بىۋاسىتە ئېلىپ-سېتىشىغا تۇنجى قېتىم رۇخسەت قىلىشى.

  «چارە»دە شەخس ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىكى تەلەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە كارخانىنىڭ ساپ مۈلكى 10 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى؛ شەخسىي مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يىللىق كىرىمى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى، نامىدىكى پۇل مۇئامىلە مۈلكى 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىقى، ئىككى يىلدىن يۇقىرى ئاكسىيە مەبلەغ سېلىش تەجرىبىسى بولۇشى كېرەك، «چارە»دە پوكەي كەسپى سودا تۈرىنىڭ نەق زايوم ئېلىپ-سېتىش، گۆرۈگە قويۇپ قايتا سېتىۋېلىش، پۇل بېرىپ قايتا سېتىۋېلىش ۋە جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىدىغان باشقا سودا تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر