باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاز دېگەندە 100 ئادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى

2016.02.15 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 14- فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي قىسىمدىكى دەيزور ئۆلكىسىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىدە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئاز دېگەندە يۇز ئادىمىنى ئېتىپ تاشلىغان.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئارمىيە تەرەپنىڭ خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيە ھاۋا ئارمىيەسى دەيزۇر ئۆلكىسىدىكى ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن بازىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرى بىلەن سوقۇشقان. ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ھەرىكىتىدە، ئىسلام دۆلىتىنىڭ كۆپلىگەن جايلاردىكى بازىلىرىنى ۋەيران قىلغان.

  دەيزور ئۆلكىسى، سۇرىيەنىڭ ئاساسلىق نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان ئورنى بولۇپ، نۆۋەتتە ئىسلام دۆلىتى بۇ ئۆلكىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىنى كونترول قىلىپ ، ھەر يىلى نېفىت ئەتكەسچىلىكى بىلەن كۆپلىگەن بايلىققا ئېرىشمەكتە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر