باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېمەك-ئىچمەك كەسپى جانلىنىپ، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قىزىدى

ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئىستېمال ئاۋات بولدى

2016.02.14 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 13-فېۋرال ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا قارىغاندا، 2016-يىللىق چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىستېمال بازىرى مۇقىم، تېز ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، مىللىي ئىستېمال جانلىنىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ئەنئەنىۋى چاغانلىق بويۇم، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت، ئىستىراھەت قاتارلىقلار بايراملىق ئىستېمالنىڭ يارقىن نۇقتىسىغا ئايلانغان. سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلچەپ تەكشۈرۈشىچە، 7-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە، مەملىكەت بويىچە پارچە سېتىش ۋە يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي سېتىش سوممىسى 754 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى چاغان ئالتۇن ھەپتىلىكىدىن %11.2 ئاشقان.

  سېتىشنى جانلاندۇرۇش پائالىيەتلىرى قىزىپ كەتتى. جايلاردىكى سودا كارخانىلىرى چاغانلىق سېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك سېتىشنى جانلاندۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، بايراملىق بازاردا سېتىشقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

  ماللارنى سېتىش قىزىق نۇقتىسى گەۋدىلىك بولدى. چاغانلىق بويۇم، يېمەكلىك، ھاراق-تاماكا قاتارلىق ئەنئەنىۋى ماللار تېز سېتىلدى، ئالتۇن، كۈمۈش، مەرۋايىت، رەقەملىك مەھسۇلات قاتارلىق ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشىمۇ تېز بولدى.

  يېمەك-ئىچمەك كەسپىمۇ قىزىپ كەتتى. جەم بولۇش ئائىلە زىياپىتى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئولتۇرۇشى چاغانلىق يېمەك-ئىچمەك بازىرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىغا ئايلىنىپ، يېمەك-ئىچمەك سودىسى راۋاجلاندى، «ئالاقە تورى +» يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە كۈچ قوشتى.

  مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش، ئىستىراھەت ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئەنئەنىۋى پائالىيەت، ئىستىراھەت، ساياھەت قىلىش، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئىستېمال ئۇسۇللىرى قارشى ئېلىنىپ، ھېس قىلىپ بېقىش قاتارلىق ئىستېمال، ھېسسىيات خاراكتېرلىك ئىستېمال يېڭى ئېقىمغا ئايلاندى. مەدەنىيەت ئىستېمالى قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، 8-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە مەملىكەت بويىچە كىنو بېلىتىنىڭ سېتىلىش سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %67 ئاشتى.

  تۇرمۇش زۆرۈر بۇيۇملىرى بازىرىنىڭ ئايلىنىشى مۇقىم بولدى. ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلاردىكى بازارلارنىڭ مال مەنبەسى يېتەرلىك، تۈرى سەرخىل، باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر