باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ياردەم بەردى

2016.02.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ئايتۇرەم مامۇت خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 2016-يىلى كىرگەندىن بۇيان، پىنسىيەگە چىققان مەمىلكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ئاپتونۇم رايۇن دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارغا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، ئېغىر كېسەللەرگە ياردەم پۇلى بېرىش، تۈۋەن كېرىم ياردىمى تارقىتىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىغا ئەمەلىي ياردەم بەردى.

  ئاۋات ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى سەپلىرىدىن پىنسىيىگە چىققان ئۈچ دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن29 كىشىگە 47600 يۈەن ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بولغان 10كىشىگە 1000دىن باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلى، تۆۋەن كىرىم ياردىمى ئۈچۈن 7200 يۈەن تۇرمۇش پۇلى، ئېغىر كېسەللەر ياردەم پۇلى ئۈچۈن 19000 يۈەن ئالاھىدە قىيىنچىلىق ياردىمى پۇلى، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بولغان 19 كىشىگە 600 يۈەندىن باھار بايرىمىلىق ھال سوراش پۇلى تارقىتىپ بىرىپ، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ فۇنكىسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر