باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىي رايونىنى توپقا تۇتقانلىقىنى ئەيىبلىدى

2016.02.15 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 14- فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خەت يېزىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىنى توپقا تۇتقانلىقىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، بۇ تۈركىيەنىڭ سۇرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارنى بىۋاسىتە قوللىغانلىق دەپ ھېسابلىدى.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ سۇرىيە زېمىنىنى توپقا تۇتۇشى، سۇرىيەدىكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. سۇرىيە، تۈركىيەنىڭ توپقا تۇتۇش ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ جىنايى ھەرىكىتىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيەنىڭ سۇرىيەگە قوراللىق ئارىلىشىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇققا زەربە بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا پۈتۈنلەي خىلاپ.

  سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، سۇرىيە تۈركىيە مۇناسىۋىتى كۈنسېرى يامانلاشتى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيە زۇڭتۇڭى باشارنىڭ تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى سۇرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بىلەن ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر