باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

باشار ئەسەد سۈرىيەنىڭ پۈتكۈل زېمىنىنى ئازاد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم قىلدى

2016.02.16 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشچە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش بېسىمى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدە، سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەد ئەكسىچە پۈتكۈل سۈرىيە زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمدە داۋاملىق تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش توغرىسىدا قەسەم قىلغان.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىر قېتىملىق زىيارىتىدە بەشار ئەسەدنىڭ داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىش مەيدانى دۇنيا ئەللىرىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن كۈچى بىلەن سۈرىيە زۇڭتۇڭى باشار ئەسەدنى بىر ھەپتە ئىچىدە دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىش توغرىسىدىكى ئۈمىدلىرىگە سوغۇق سۇ سەپكەن.

  باشار ئەسەدنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئالىپ ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىشى ئاساسلىقى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تۈركىيەدىن ياردەم قوبۇل قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن ئىكەن. بۇ قېتىملىق ھەرىكەت رۇسىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، نەچچە ئونمىڭلىغان ئاھالىلەر مۇشۇ سەۋەبلىك يۇرت ماكانىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

  باشار ئەسەد مۇنداق دېدى: ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەقسىتى پۈتكۈل دۆلەت ئىچىنى ئازاد قىلىش. نۆۋەتتە سۈرىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئۆكتىچى تەشكىلات ياكى «ئىسلام دۆلىتى» رادىكال تەشكىلاتى كونترول قىلىپ تۇرغان ئىكەن.

  ئۇ 11-فېۋرال دەمەشقتە مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقانداق بىر پارچە يەردىن ۋاز كىچىشكىمۇ بولمايدۇ.

  بەشار ئەسەد مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ تۈركىيە، ئىيوردانىيە ۋە ئىراقتىن كېلىدىغان ياردەملىرىنى ئۆچۈپ تاشلىغاندا، بىر يىلغا قالمايلا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق قىلالمىغاندا، ئۇنداقتا مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، ھەمدە بۇنىڭغا تۆلەيدىغان بەدەلمۇ زور بولىدۇ.

  باشار ئەسەدنىڭ قارىشىچە، تۈركىيە بىلەن سەئۇدى سۈرىيە ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار بەلكىم ھەربىي جەھەتتىن سۈرىيە توقۇنۇشىغا ئارىلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر