باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى لايىھە ئېلان قىلدى

مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملەر بىرلەشتۈرۈلۈپ ئىخچاملاندى

2016.02.16 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىخچاملاش خىزمىتى لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىخچاملاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم جىسمانىي ساغلاملىق ۋە ھايات، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىدىكى ئەڭ تۆۋەن تەلەپ. مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىخچاملاش خىزمىتى ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يېڭى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچەم سىستېمىسى ئورنىتىشنىڭ باش ۋەزىپىسى. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى روھىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم تۈزۈش پرىنسىپى ۋە دائىرىسىگە ئاساسەن، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچىمى، كەسىپ ئۆلچىمى ۋە يەرلىك ئۆلچەملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانىغا ئېنىقلاپ باھا بېرىش كېرەك.

  «لايىھە»دە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەملەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىخچاملاش خىزمىتىنىڭ نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىرلەشتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتىنىڭ خۇلاسىسىنى چىقىرىپ، ماس كەلمەيدىغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مەجبۇرلاشقا بولمايدىغانلىرىنى تەۋسىيەلىك ئۆلچەمگە ئۆزگەرتىش، مەجبۇرلاشقا تېگىشلىكلىرىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىرلەشتۈرۈپ تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇزاكىرىلىشىپ ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچەم سىستېما رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. بىر تۈركۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بىر تۈركۈمنى ئۆزگەرتىش، بىر تۈركۈمنى بىرلەشتۈرۈش، بىر تۈركۈمگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ھازىرقى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەمدە ساقلانغان گىرەلەشمە، تەكرار زىددىيەت، دائىرە ھالقىپ بېكىتىش قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، كۆلىمى نورمال، مەزمۇنى ئىلمىي يېڭى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك دۆلەت ئۆلچەم سىستېمىسى ئورنىتىش ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، «بىر بازاردا بىر تەلەپ، بىر ئۆلچەم» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر