باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسى «جەلپكار يوپۇرغا، سېھىرلىك داۋا كۆل» ساياھەتچىلىك كىرىمىنى%213ئاشۇردى

2016.02.16 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ مەدەنىيەت، ئەنئەنە، خاسلىق، ئەۋزەللىك نامايان قىلىنغان «جەلپكار يوپۇرغا، سېھىرلىك داۋا كۆل» ساياھەتچىلىكنى ئۈزلۈكسىز ئاۋاتلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئۇنىۋېرسال كىرىمىنى 128مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، 2014-يىلدىكىدىن %213ئاشۇردى.

  بۇلتۇر، يوپۇرغا ناھىيەسى تۈرلۈك شەكىل، ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، داۋا كۆل سەيلىگاھىنىڭ «دۆلەت 4Aدەرىجىلىك قۇملۇق مەنزىرە سەيلىگاھى، دۆلەت دەرىجىلىك سۇ مەنزىرە سەيلىگاھى، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ساياھىتى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى»؛ تېرىم بازار ماشئېڭىز كەنتىنىڭ «جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل ئىستىراھەت كەنتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەنتى» دېگەن ناملاردىكى ماركا ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە ھەر خىل تەبىئىي ئەۋزەللىك، خاسلىققا ئىگە ئۆرپ-ئادەت، يېمەكلىك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتتى. شەندۇڭ ئۆلكىسى قاتارلىق شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاۋات جايلىرىغا ياسالغان LEDچوڭ ئېكرانىدا داۋا كۆل ساياھەتچىلىكى تەشۋىقات قىسقا فىلىمىنى قەرەللىك كۆرسىتىش ۋە شۇ جايلاردىكى ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، بېكەتلەرنىڭ كۆزگە يېقىن ئورۇنلىرىغا چوڭ تىپتىكى ئېلان-تەشۋىقات تاختىسى ئورنىتىش، نۇقتىلىق مېھمانخانا، سودا سارايلاردا تەشۋىقات قوللانمىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ،«جەلپكار يوپۇرغا، سېھىرلىك داۋا كۆل» ساياھەتچىلىك مەدەنىيتى تەشۋىقاتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى. نەتىجىدە، دۆلىتىمىز ئىچى، سىرتىدىن كېلىپ كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى ئومۇمىي سانى 320مىڭ ئادەم (قېتىم) غا يېتىپ، 2014-يىلدىكىدىن %256ئاشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر