باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 7600يۈەندىن ئاشتى

2016.02.16 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋىرى) يوپۇرغا ناھىيەسى بۇلتۇر 39مىڭ 700ئادەم (قېتىم) كىشىنى سىرتتا ئىشلەشكە چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئەمگەك كىرىمىنى 7600يۈەندىن ئاشۇرغان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، 2015-يىللىق ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان 18ئىلغار ئورۇن ۋە باشلامچى كىشىلەرنى 320مىڭ يۈەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلاپ، ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى يەنىمۇ كەڭ جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى.

  بۇلتۇر، يوپۇرغا ناھىيەسى شەھەر-يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى تۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش پاراۋانلىق خىراجىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، 13مىڭ ئادەم (قېتىم) دىن ئارتۇق كىشىنى قانۇن، مەدەنىيەت ۋە خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرىدىن سىستېمىلىق تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتتى. ئەمگەك، ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ۋە ھەر قايسى يېزا-بازار، ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە ئېھتىياجلىق ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىش ئورنى تېپىش، ئىشقا تونۇشتۇرۇش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تىزىملاتقان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى توپىغا مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى چىڭىتىپ، ئۇلارنىڭ سىرتقى جايلاردىكى ئەمگەك، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك ۋە ئىش ھەققىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلدى. شەندۇڭ، جېجياڭ، داليەن، چىڭداۋ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەر ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى زاۋۇت-كارخانىلارغا بېرىپ ئىشلەۋاتقان ئەمگەكچىلەر شۇنداقلا يېزا ئىگىلىك 3-دىۋىزىيە 42-، 45-پولكى، ئاقسۇ، كورلا قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا پاختا تىرىش، مېۋە ئۈزۈشكە چىققان ئەمگەكچىلەردىن قەرەللىك ھال سوراپ، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قىزغىنلىقىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، بۇ ناھىيەدىكى ئېشىنچا ئەمگەكچىلەر بۇلتۇر يىل بېشىدىن يىل ئاخىرىغا قەدەر، ناھىيە تەۋەسى ۋە سىرتقى جايلاردا تۈرلۈك شەكىلدىكى ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق ئورۇنلاردا ئىشلەپ، ئومۇمىي 303مىليون يۈەن ئەمگەك كىرىمى يارىتىپ، كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7633يۈەن كىرىمگە ئېرىشتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر