باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى

2016.02.16 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئەخمەتجان ئىلياس) ئاۋات ناھىيەلىك ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىيىن، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قارىتىپ ئاۋات ناھىيەسىدە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇلتۇردىن بۇيان نازارەتچىلىك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشتە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى » «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق 8قانۇن-نىزامنىڭ بۇ ناھىيەدە ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بۇ ناھىيەدە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قاتناش بىخەتەرلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى قاتناۋاتقان ئاپتوموبىللارغا بولغان باشقۇرۇشنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغان ئىدى، لېكىن قاتناش بەلگە سىزىقى قاتناش قانۇنىنىڭ تەلىپى بويىچە يېڭىلانمىغانلىقىدىن شوپۇرلار قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى بويىچە يول يۈرۈپمۇ پراۋىسىدىن كۆپلەپ نومۇر تارتىلىپ پىكىرى كۆپىيىپ كەتكەنىدى. ئاممىنىڭ پىكىرى كۈچلۈك بولۇۋاتقان بۇ مەسىلىگە قارىتا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى دەرھال كومىتېت ئەزالىرى، قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ناھىيەنىڭ قاتناش خىزمىتىگە مەسئۇل ھاكىمى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنىنى تەشكىللەپ يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ تۈزىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرىدى. بۇنىڭ بىلەن بازار ئىچىدىكى يول بەلگىلىرى ئۆلچەم بۇيىچە يېڭىلىنىپ سىزىلىپ. شوپۇرلارنىڭ پراۋىسىدىن ئاساسسىز نومۇر تارتىلدىغان ئەھۋال تۈزىتىلدى. يول بىخەتەرلىك خىزمىتىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئىشقا ئاشتى.

  بۇ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا نازارەتچىلىك قانۇنى بويىچە مۇددەت ئىچىدە تەرتىپكە سېلىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، ناھىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ساغلام، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر