باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېڭشۈن شىركىتى: 3-ئايدىن تارتىپ ئۈندىدار ھەميانىدىن بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىسە ھەق ئېلىنىدۇ

2016.02.16 13:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېڭشۈن شىركىتى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: 1-مارتتىن تارتىپ، ئۈندىداردا پۇل تۆلەش، پۇل ئاغدۇرۇشتىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىش توختىتىلىدۇ، شۇ كۈندىن تارتىپ، ئۈندىدار ھەميانىدىن بانكا كارتىسىغا پۇل ئاغدۇرۇشتىن رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ. ئۈندىدار ھەميانىدا سودىلىشىشتىن ھەق ئېلىش-ئۈندىداردا پۇل تۆلەشتىن كىرىم قىلىش تەدبىرى بولماستىن، بەلكى بانكا رەسمىيەت ھەققى تۆلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. كونكرېت ھەق ئېلىش لايىھەسىدە، ھەر بىر خېرىدار پۈتۈن ئۆمرىدە مىڭ يۈەنلىك ھەقسىز پۇل ئاغدۇرۇش سوممىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىدىن بانكا ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ، نۆۋەتتە ھەق ئېلىش نىسبىتى %0.1 بولۇپ، ھەر قېتىم پۇل ئاغدۇرغاندا ئاز دېگەندە بىر مو ئېلىنىدۇ. ئۈندىدار قىزىل بولىقى، يۈزمۇ-يۈز كىرىم-چىقىم قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ، رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر