باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «مەجبۇرىي ئۆلچەمدىكى بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى

2016.02.16 13:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «مەجبۇرىي ئۆلچەمدىكى بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتى لايىھەسى» چىقىرىپ، مەجبۇرىي ئۆلچەمدىكى بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لايىھەدە، مەجبۇرىي ئۆلچەمدىكى بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتىنىڭ مۇنداق نىشانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش، مۇۋاپىق بولمىغانلىرىنى بىكار قىلىش، مەجبۇرلاشقا ماس كەلمەيدىغانلىرىنى تەۋسىيەلىك ئۆلچەمگە ئايلاندۇرۇش، ھەقىقەتەن مەجبۇرلاشقا تېگىشلىكلىرىگە داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىش ياكى بىرىكتۈرۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىش شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەردىكى مەجبۇرىي دۆلەت ئۆلچىمى سىستېمىسى رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەتقىق قىلىش؛ بىر تۈركۈمنى بىكار قىلىش، بىر تۈركۈمنى ئۆزلەشتۈرۈش، بىر تۈركۈمنى بىرىكتۈرۈش، بىر تۈركۈمنى تۈزىتىش ئارقىلىق، ھازىرقى مەجبۇرىي ئۆلچەمدە ساقلىنىۋاتقان گىرەلىشىپ كېتىش، تەكرارلىنىش زىددىيىتى، دائىرىدىن ھالقىپ تۈزۈش قاتارلىق ئاساسلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، قۇرۇلمىسى، كۆلىمى مۇۋاپىق، مەزمۇنى ئىلمىي بولغان يېڭىچە مەجبۇرىي دۆلەت ئۆلچىمى سىستېمىسى ئورنىتىشقا ئاساس سېلىپ، بىر بازار، بىر چەك، بىر ئۆلچەمنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

  لايىھەدە تارماقلار، جايلاردىن بىر تۇتاش باشقۇرۇش، تەقسىمات بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەكشى ئىلگىرى سۈرۈش، قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىش، سىناق بىلەن يېتەكلەش، نۇقتا بىلەن دائىرىنى بىرلەشتۈرۈش خىزمىتى پىرىنسىپى بويىچە، گوۋۇيۈەن ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بىر تۇتاش خىزمەت تەرتىپى، تېخنىكا ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت سۈرئىتىگە ئاساسەن، مەجبۇرىي ئۆلچەمنى بىرىكتۈرۈش، ئىخچاملاش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش تەلەپ قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر