سۆرەتتىكىسى 13-فېۋرال قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھەر مەركىزى ئەتراپىدىكى ئوت كەتكەن «ئەبۇزەبى بېناسى» ناملىق قۇرۇلىۋاتقان ئىمارەت.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 13-يانۋار ئىسپاتلىشىچە، ئاستانە شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ياسىلىۋاتقان قۇرۇلۇش «ئەبۇزەبى بىناسى» شۇ كۈنى سەھەردە پارتلاپ ئوت كەتتى. نۆۋەتتە بەختكە يارىشا ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، «ئەبۇزەبى سارىيى»نىڭ 25-قەۋىتىدىكى بىر قىسىم قۇرۇلۇش قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يېقىلغۇ گاز باكى پارتلاپ كەتكەن. قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان «ئەبۇزەبى بىناسى»نىڭ پىلاندىكى قۇرۇلۇش ئېگىزلىكى 320مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى بىرىنچى ئېگىز بىنا بولۇپ قالىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى