- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاكىستان زوڭتوڭى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى بەك كۈچەپ تەبرىكلىمەسلىكنى مۇراجەت قىلدى
2016.02.15 13:42 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: غەربنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا پاكىستان زوڭتوڭى ھۈسەيىن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنىڭ سىرتتىن كىرگەنلىكىنى، پاكىستان ياشلىرىنى زېھنىنى ئۆگىنىشكە بەكرەك قارىتىشىنى، ياشلارنى بۇ بايرامنى كۈچەپ تەبرىكلەپ كەتمەسلىككە ئۈندىدى. ھۈسەيىن «ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى بىلەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھىچقانداق ئالاقىسى يوق، تەبرىكلەشتىن ساقلىنىش كېرەك» دېدى. پاكىستاندا ئاشىقلار بايرىمى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانچە مودا بولدى، گۈللەر ۋە كەمپۈتلەرنىڭ سېتىلىشى بەكلا ياخشى بولۇپ، سودىگەرلەرگە زور پايدا ئېلىپ كەلدى. بىراق بۇ بايرامغا بولغان قارشى سادالارمۇ خېلى زور بولدى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ چەكلەپ باقتى. شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاففانىستانغا قوشنا بولغان غەربىي شىمالدىكى پىشاۋەر شەھىرىدە بۇ يىل ئاشىقلار بايرىمى ئېنىق چەكلەندى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر